ئىراقنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بۈگۈن دەپنە قىلىنىدۇ

گېرمانىيەدە داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان ئىراقنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جەلال تالابانى بۈگۈن سۇلايمانىيەدە دەپنە قىلىنىدۇ.

ئىراقنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بۈگۈن دەپنە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ 6 – پىرېزىدېنتى تالابانى 2012 – يىلى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، داۋالىنىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

بۇ يەردە بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن 2014 – يىلى سۇلايمانىيەگە قايتقان سالابانى سېنتەبىر ئېيىدا قايتىدىن بىتاب بولۇپ قالغان، بېرلىندا داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈشۈ سەۋەبىدىن سەيشەنبە كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

تلابانى ئۈچۈن ئىراقنىڭ شىمالىدا 7 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى. باغداد ھۆكۈمىتى بولسا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر