ھىندىستاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 7 كىشى قازا قىلدى.

ھىندىستاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىنىڭ تاۋاڭ رايونىدىكى تاغلىق ساھەدە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستاندا يېقىندىن بۇيان پات - پات تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسانىي ۋە تېخنىكىلىق خاتالار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر