گېرمانىيەنىڭ باۋيېرا ئۆلكىسىمۇ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلماقتا

باۋيېرا پارتىيەسى باۋيېرانىڭ بايلىقىلىرىغا گېرمانىيەنىڭ ئورتاق بولۇۋېلىشىغا قارشى چېقىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمدىلىكتە كاتولونيادىكى مۇستەقىللىق سايلىمىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

گېرمانىيەنىڭ باۋيېرا ئۆلكىسىمۇ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باۋيېرا پارتىيەسى «باۋيېرانىڭ ئازادلىقى ۋە باۋيېرانىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىدىن ئايرىلىشى بىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزدۇر» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ئەڭ باي ئۆلكىلىرىدىن بىرسى بولغان باۋيېرادا، 1946 – يىلىدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باۋيېرا پارتىيەسى گېرمانىيەدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

 باۋيېرا پارتىيەسىنىڭ رەسمىي فېسبۇك ھسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «باۋيېرانىڭ ئازادلىقى ۋە باۋيېرانىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىدىن ئايرىلىشى بىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزدۇر» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

باۋيېرا پارتىيەسى باۋيېرانىڭ بايلىقىلىرىغا گېرمانىيەنىڭ ئورتاق بولۇۋېلىشىغا قارشى چېقىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمدىلىكتە كاتولونيادىكى مۇستەقىللىق سايلىمىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

«Junge Welt» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كلودىيا ۋانگېرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۆلگۈنچى باۋيېرا پارتىيەسى يېقىن كەلگۈسىدە ياۋروپا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، باۋيېرا تىلىنىڭ نېمىس تىلىدىن ئايرىم بىر تىل ئىكەنلىكى ھەققىدە تەلەپ سۇنىدىكەن.

ئالدىنقى يىلى گېرمانىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇنى مەھكىمىسى باۋيېرا پارتىيەسى سۇنغان بىر ئىلتىماسقا جاۋاب بېرىپ، باۋيېرانىڭ گېرمانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيەدىكى ئومۇمىي سايلامدىن كېيىن 24 – ئۆكتەبىردە تۈنجى يىغىننى ئېچىش ئالدىدا تۇرغان گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا، كىمنىڭ قەيەردە ئولتۇرۇش مەسىلىسى كىرىزىسقا ئايلاندى.

ھۆر دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قېتىم، ناتسېستلار تەرەبدارلىقى بىلەن تۇنۇلغان گېرمانىيە يېڭى تاللاش پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۇشقا ئېتىراز بىلدۈرمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر