دائېش 33 مىڭ پۇقرانى سەرگەردانلىققا دۇچار قىلدى

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە قاراشلىق ھاۋىجە ناھىيەسىدە تەخمىنەن 33 مىڭ پۇقرانىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائېش 33 مىڭ پۇقرانى سەرگەردانلىققا دۇچار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى مىلمان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراقتا 2014 – يىلى پارتلىغان كىرىزىستىن كېيىن 3.2 مىليون كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 21 – سېنتەبىر كۈنى ھاۋىجە ناھىيەسىنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلغان مىلمان، بۇ جەرياندا تەخمىنەن 33 مىڭ پۇقرانىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 17 مىڭ 700 پۇقرانىڭ ناھىيە مەركىزى ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى، 15 مىڭ 200 پۇقرانىڭ بولسا تېخىچە مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر