جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە ياردەم قىلىدىغان بولدى

جەنۇبىي كورېيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ب د ت نىڭ ھەر قايسى ياردەم جەمئىيەتىلىرى ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملرىنى ئايىماي كەلمەكتە.

811626
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە ياردەم قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ياردەم جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە 8 مىليون دوللار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمدە بولۇش پىلانىنى تەستىقلىدى.

يۇنھاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە، جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس سەۋەبىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە ھامىلە ئاياللارغا ياردەم قىلىش قارارى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئارىدىن تەخمىنەن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ياردەملەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى خىلمۇخىل ئامىلللارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ياردەملەرنىڭ ۋاقتىنى ۋە مىقتىدارىنى بەلگىلەپ چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرلىقى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ شىمالىي كورېيە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىنىشىغا بولغان زورۇر ئېھتىياجنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرى چۇ مىيوڭ گىيون «خەلقئارا جامائەت ياردەملەرنى سىياسەتتىن ئايرىم تۇتۇشى كېرەك دېگەن قاراشقا ئىگە» دېدى.

بۇ پىلان دائىرىىسدە جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا يېمەك – ئىچمەك پىروگراممىسى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر ئوزۇقلاندۇرۇش پىروگراممىسىغا 4 مىليون 500 مىڭ دوللار ياردەم قىلىدىغان بولدى.

جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ۋاكسېنا ئۇرۇش پىروگراممىسىغىمۇ 3 مىليون 500 مىڭ دوللار ياردەم قىلماقچى. 

جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەگە ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 2015 – يىلى ب د ت نوپۇس فوندىي جەمئىيىتى ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمدە بولغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا، 24 مىليون 900 مىڭ نوپۇسقا ئىگە شىمالىي كورېيەدە، تەخمىنەن %72 خەلقنىڭ يېمەك – ئىچمەكتە قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلىنالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

دوكلاتتا يەنە، بۇ قىيىنچىلىقتىكى كىشىلەر ئارىىسدا تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كىچىك بالا ۋە ھامىلە ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق مىقتىدارى يۇقىرى يېمەك – ئىچمەكلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر