ب د ت: ئادەم بومبا ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەر سانىدا پەقۇلئاددە ئېشىش بار

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى «UNICEF» نېگىرىيەدە جەمئىي 55 ۋەقەدە 15 ياشتىن كىچىك قىزلار ئىشلىتىلگەنلىكىنى، يەنە بىر ۋەقەدە بىز قىزنىڭ قۇچىقىدا كۆتۈرۈىۋالغان بوۋاققىمۇ بومبا تېڭىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

795107
ب د ت: ئادەم بومبا ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەر سانىدا پەقۇلئاددە ئېشىش بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېگىرىيەنىڭ شىمالىدا بوكو ھارام مىلىتانلىرىنىڭ ئادەم بومبا ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ئۆسمۈرلەر سانىدا پەقۇلئاددە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى «UNICEF» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، 2017 – يىلى ئىچىدىلا ئادەم بومبا ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئۆسمۈرلەر سانىنىڭ 83 كە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. 

بۇ سان 2016 – يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندە 4 ھەسسە ئاشقان ھېسابلىنىدۇ.

55 ۋەقەدە 15 ياشتىن كىچىك قىزلار ئىشلىتىلگەن، يەنە بىرىدە بىز قىزنىڭ قۇچىقىدا كۆتۈرۈىۋالغان بوۋاققىمۇ بومبا تېڭىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى «UNICEF» بوكو ھارامنىڭ بۇ تاكتېكىسىغا «ۋەھشىيلىك» دەپ باھا بەردى ھەمدە بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەتچى ئەمەس، بەلكى قۇربانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە، نېگىرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا 2014 – يىلىدىن بۇيان جەمئىي 127 كىچىك بالىنىڭ ئادەم بومبا ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بوكو ھارام تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان قىز ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى بولسا، ئەسكەر بولۇشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.

نېگىرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن جەمئىي 1 مىليون 700 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

بۇ يىل رايونغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن 450 مىڭ كىچىك بالىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇق يېتىشمەسلىككە دۇچار بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر