ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 174 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ 2013 – يىلىدىن بۇيان 174 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

794638
ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 174 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2013 – يىلى پايتەخت دەمەشقنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىدا 1400 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىن، يەنە 174 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، 2013 – يىلى ئاۋغۇستتا شەرقىي غۇتە رايونىغا قىلىنغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ 4 – يىلىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2013 – يىلى سېنتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئامېرىكا – رۇسىيە كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، خىمىيەلىك قورال زاپاسلىرىنى يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاكىمىيەت، شەرقىي غۇتەگە قىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا كەم دېگەندە 174 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇملارنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەرقىي غۇتە قەتلىئامىدىن كېيىن، يەنى 2013 – يىلى 27 – سېنتەبىردە چىقارغان 2118 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدىن كېيىن قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر