پارىژدىكى بىر دۇكاندا قورال-ياراغ ئىسكىلاتى بايقالغان

فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان سائىنت دېنىستا پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ۋە ھەر خىل قورال-ياراغلار ساقلانغان بىر ئىسكىلات تېپىلدى.

793678
پارىژدىكى بىر دۇكاندا قورال-ياراغ ئىسكىلاتى بايقالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سائىنت دېنىستىكى بىر ۋېلىسپىت دۇكىنىنىڭ ئىچىدە ھەر خىل قورال-ياراغلار ساقلانغان ئىسكىلات تېپىلدى. ئىسكىلاتتا، ئۈچ پارتلىغۇچ بۇيۇم، ئىككى دانە پومپا مىلتىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى قورال-ياراغلار ۋە ئەسلىھەلەر، ئامېرىكىدا ياسالغان تانكا ئاتار، ساقچىلارنىڭ ئوق ئۆتمەس جىلىتكىسى، ساقچى فورمىلىرى، 40 كىلوگىرام نىشە ۋە 10 مىڭ ياۋرو قولغا چۈشۈرۈلدى.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 40 -30 ياشلار چامىسىدىكى ئىككى كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ بۇرۇن ئوغرىلىق ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايەتلىرى ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ئەسكەرتىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، گۇماندارلاردىن بىرى قورال، پۇل ۋە نىشەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، يەنە بىر گۇماندار بولسا، ئىسكىلاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر