گېرمانىيەدە ناتسىست دەۋرى رەھبىرىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا 500 ئەتراپىدا ئاشقۇن ئوڭچىلار، ئادولف گىتلېرنىڭ ئوڭ قولى ھېسابلىنىدىغان رۇدولف ھېس ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

793216
گېرمانىيەدە ناتسىست دەۋرى رەھبىرىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا 500 ئەتراپىدا ئاشقۇن ئوڭچىلار يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ناتسىست دەۋرى رەھبىرى ئادولف گىتلېرنىڭ ئوڭ قولى ھېسابلىنىدىغان رۇدولف ھېس ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ساقچىلار، يۈرۈش جەريانىدا ئىشتىراكچىلارنىڭ ھېسنى مەدھىيەلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىشىغا يول قويمىدى. كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان پىلاكاتلارنىڭ سانىغىمۇ چەكلىمە قويۇلدى.

مەزكۇر جايغا توپلانغان مىڭ ئەتراپىدىكى ناتسىستلارغا قارشى تۇرغۇچى نامايىشچى، فاشىزمنى ئەيىبلەپ شوئار توۋلىدى.

ساقچىلار، نامايىش قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىمۇ كۆپىيىپ قالدى؛ گېرمان ئەمەلدارلار، مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئىككىنچى چارىكىدە بولسا، ھۇجۇم سانىنىڭ 200 گە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى، ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر