ئىسپانىيە يۈنۈس ئەبۇ ياقۇبنى تۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتتە

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.

792963
ئىسپانىيە يۈنۈس ئەبۇ ياقۇبنى تۇتۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلار مىنىبۇس بىلەن خەلقنى سوقۇپ تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغان 22 ياشلىق تېررورچى يۈنۈس ئەبۇ ياقۇبنى ئىزدىمەكتە.

جىنايەتچىلەرنىڭ ئەسلىدە بومبا ھۇجۇمى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، بىراق پىلانى بۇزۇلغاندىن كېيىن مىنىبۇس بىلەن خەلقنى سوقۇپ ھۇجۇم قىلىش يولىنى تاللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مىنىبۇس بىلەن خەلقنى سوقۇپ ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ 17  ياشلىق مۇسا ئاكابىر ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشمەكتە. بىراق مۇسا ئاكابىرنىڭ بارسېلونادىن كېيىنلا كامبىرلىس يېزىدا ھۇجۇم تۇغدۇرۇش جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان 5 كىشىنىڭ بىرسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن ھۇجۇمچىلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ بومبا ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقى، بىراق پىلانى بۇزۇلغاندىن كېيىن، مىنىبۇس بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

ساقچىلار يۈنۈس ئەبۇ ياقۇب تۇرۇشلۇق رىپول شەھىرىدە 3 پارتلاتقۇچ تېپىلغانلىقىنى ۋە ئالكانار رايونىدا يەنە بىر كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بارسېلونادىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى. شۇ كۈنى يوقۇلۇپ كەتكەن 7 ياشلىق ئاۋسترالىيەلىك بىر كىچىك بالا بولسا، تېخىچە تېپىلمىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر