دانفوردنىڭ بېيجىڭدىكى باياناتى دىققەتنى تارتتى

خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دانفورد شىمالىي كورېيە بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئېھتىمالىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.

792053
دانفوردنىڭ بېيجىڭدىكى باياناتى دىققەتنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانفورد خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئاخبارۈتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىك ۋە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان ھەربىي تاللاشلارغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. 

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دانفورد ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئورتاق مانىۋېرىنى ئازايتىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ،  «ماڭا نىسبەتەن ئويلىنىشقا بولمايدىغان ئىش، ھەربىي تاللاش ئەمەس، بەلكى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۈننىڭ ئامېرىكىغا ۋە رايونغا تەھدىت بولىدىغان يادرو بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىياتىغا يول قويۇشتۇر» دېدى.

ھەربىي تاللاشنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن دانفورد بۇنىڭ پەقەت سىياسىي دىيالوگ ئورنىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان دېپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىم نەتىجىسىز قالغان ئەھۋالدىلا ئىشقا سېنىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دانفورد: «ھازىر ماڭىدىغان نۇرغۇن يول بارلىقىغا ئىشىنىمەن. بىراق بۇنى تىنچلىق ئاساسىدا ھەل قىلالايدىغان بىر يولدا كېتىۋاتماقتىمىز» دېدى. 

ئاق ساراينىڭ باش ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ستېۋ باننون شىمالىي كورېيە مەسلىسىنى ھەربىي چارە بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت رەئىسى مون جاي ئىنمۇ «كورېيە يېرىم ئارىلىدا قايتا ھەرگىزمۇ ئۇرۇش بولمايدىغانلىقىنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەن» دېگەن ئىدى. 

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوسېف دانفورد پايتەخت بېيجىڭدا خىتاي ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى فاڭ فىڭخۈي بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، دونالد ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان ھەربىي ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ زىيارەتتە، ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر ئۇچۇر – ئالاقە مېخانىزمى ئۈچۈن رامكا كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى فاڭ فىڭخۈيمۇ مەنسەپدىشى دانفورد بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئىلگىرىلەشلەرنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەمكارلىقنىڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكىغا نىسبەتەن بىردىن بىر توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇكەممەل شېرىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوسېف دانفورد خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر