شىمالىي كورېيەنىڭ گۇئامغا يېقىن جايدا بومبا سىناق قىلىشى كۈتۈلمەكتە

كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارىلى گۇئامغا يېقىن يەردە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

شىمالىي كورېيەنىڭ گۇئامغا يېقىن جايدا بومبا سىناق قىلىشى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇننىڭ پىلانلىنىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن ۋاقىپلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كىم جوڭ-ئۇن، ئامېرىكىغا قارىتا بەرگەن باياناتىدا، «توغرا يولنى تاللاپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى» نى تەلەپ قىلدى ۋە ئارمىيەنىمۇ «يۈز بەرگۈسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش» قا بۇيرۇدى.

كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇن، رايونغا ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرىنى كەلتۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە ۋاشىنگتون دائىرىلىرى سۈركىلىشنى پەسكويغا چۈشۈرۈشنى خالىسا، شۇنىڭغا لايىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – رويتېرس، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ، ئارمىيەنىڭ گۇئام ئەتراپىنى بومباردىمان قىلىش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە دوكلاتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيە ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 4 دانە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان گۇئامغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر