پارىژدا ھۇجۇم يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر كىشى ئاپتوموبىلى بىلەن رېستورانغا كىرىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 12 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

پارىژدا ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پىېررې ھېنرى براندېت «‹ BFM › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن پارىژنىڭ سېنې ئېتمارنې رايونىدىكى بىر پىسسا رېستورانىغا كىرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 13 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 4 ى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ۋەقەدىن كېيىن تۇتۇلغان زوراۋاننىڭ قېچىشقا ئۇرۇنمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«ۋەقە قەستەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن براندېت، بىراق زوراۋاننىڭ ساقچىلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى بىلىنمەيدىغان ۋە تەقىب قىلىنمىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان زوراۋان ئاپتوموبىلى بىلەن ئىنسانلارنى قەستەن باستۇرغان ئىكەن، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ھېچقانداق دەلىل يوق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر