تالىباننىڭ توقۇنۇشىدا 13 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

فەرياب ۋىلايىتى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى دىلاۋەر شاھ دىلاۋەر توقۇنۇشنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تالىباننىڭ توقۇنۇشىدا 13 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان مىلىتانلىرى بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش جەريانىدا، ئۆيىگە راكىتامىيۇت چۈشۈپ، 13 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. 

فەرياب ۋىلايىتى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى دىلاۋەر شاھ دىلاۋەر تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا پۇقرالارغا تەۋە بىر ئۆيگە 2 راكىتامىيۇت ئېتىلغانلىقىنى، ۋەقەدە كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

دىلاۋەر ۋەقەدە 3 پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، راكىتامىيۇتنىڭ زادى قايسى تەرەپتىن ئېتىلغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋەقەدە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رايونغا ھەيئەت ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر