گۇئام ئارىلى شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى جىددىي تەييارلىق قىلماقتا

ئامېرىكىغا قاراشلىق گۇئام ئارىلىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك بومبا ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار ۋاراقچىلار تاقىتىلىشقا باشلاندى.

گۇئام ئارىلى شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى جىددىي تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا قاراشلىق گۇئام ئارىلى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېھتىمالىغا قارشى جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.

گۇئام خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترەتلىرى تۈنۈگۈن پۇقرالارغا شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى تەييار تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يوليۇرۇق ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى.

«يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا تەييارلىق» تېمىلىق يوليۇرۇق ۋاراقچىسىدا، ھۇجۇمدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى چېلىنغاندا خەلقنىڭ دەرھال مۈكىنىدىغان پاناھجايلارغا كىرىۋېلىشى، ۋەياكى بىنالاردا يوشۇرۇنىشى، ئەگەر سىرتتا قالغان ئەھۋالدا كۆزلىرىنى كۆر قىلىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان ئوت شارلىرىغا قەتئىي قارىماسلىقى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىندى.

يوليۇرۇق ۋاراقچىسىدا يەنە، رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ تېرىدىن قانداق تازىلىنىدىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر