شىمالىي كورېيە: ئارمىيەمىز ئامېرىكا دېگەن زېمىندىن ھېچقانداق ئەسەر قويمايدۇ

شىمالىي كورېيە، بۇ قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا «ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

778454
شىمالىي كورېيە: ئارمىيەمىز ئامېرىكا دېگەن زېمىندىن ھېچقانداق ئەسەر قويمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورېيە مەركىزىي تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرى پاك يوڭ-سىك، كورېيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 64 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا پيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «ئەگەر دۈشمەنلەر شىمالىي كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى نەزەرگە ئالماستىن، مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەتەرلىك يوسۇندىكى ئالدىنى ئېلىش ماھىيەتلىك يادرو ھۇجۇمى نەزەرىيەسىگە تايىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلمەس ئىنقىلابچى ئارمىيەسى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئولتۇرماستىن، ئامېرىكا ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قەلبىگە ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك زەربىسىنى ئۇرىدۇ، دۇنيادا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دەيدىغان زېمىندىن ھېچقانداق ئەسەر قويمايدۇ ۋە ئانا ۋەتەننىڭ تارىخىي بىرلىشىش دەۋاسىنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كورېيەلىك مىنىستىر، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىشىدىن قورقۇپ كەتكەن ئامېرىكىنىڭ پيوڭياڭغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىغانلىقى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بولسا، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى تۈپەيلى ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، رەسمىي ئۇرۇش ھالىتىدە ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي كورېيەلىكلەر، بۇنىڭدىن 64 يىل ئىلگىرى ئاخىرلاشقان كورېيە ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇق، دەپ قارايدۇ ۋە ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغان 27 – ئىيۇلنى «تىنچلىق بايرىمى» سۈپىتىدە تەبرىكلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر