ئامېرىكا دائېش رەھبىرى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېم ماتتىس باغدىدىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىچىدىكى رولىنى مەلۇم شەكىلدە جارى قىلدۇرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

775458
ئامېرىكا دائېش رەھبىرى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېم ماتتىس تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كاتىۋىشى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ۋە تەشكىلاتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جېم ماتتىس دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىستىراتېگىيەسىنى يىڭىلاش ھەققىدە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا مەلۇمات بەردى. 

باغدادىنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «باغدادى ھايات دەپ ئويلايمەن، ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆزىمىز ئېنىقلاپ چىقماي تۇرۇپ، ئەكسىنى قوبۇل قىلالمايمەن» دېدى.

باغدادىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن جېم ماتتىس، ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىچىدىكى رولىنى مەلۇم شەكىلدە جارى قىلدۇرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جېم ماتتىس ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىستىراتېگىيەسىنى يىڭىلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، پات يېقىندا بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

جېم ماتتىس ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى بەزى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى  ۋە ھەربىي مەنبەلىرىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر