ئېمبارگو يۈرگۈزگۈچى 4 دۆلەت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى... قاتارغا 6 ماددىلىق يېڭى تىزىملىك سۇندى

5 – ئىيۇندىن بۇيان قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى

774401
ئېمبارگو يۈرگۈزگۈچى 4 دۆلەت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى... قاتارغا 6 ماددىلىق يېڭى تىزىملىك سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 5 – ئىيۇندىن بۇيان قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى؛ مەزكۇر تۆت دۆلەت، دوھا دائىرىلىرىنىڭ قەتئىي ۋە پائال سىياسەتلىرىدىن كېيىن چۈشۈپ قالغان بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە.

ئېمبارگو يۈرگۈزگۈچى تۆت دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇنغان 13 ماددىلىق تەلەپلەر تىزىملىكى قاتار تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتلەر «ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» رامكىسى ئاستىدا، 6 ماددىلىق «پىرىنسىپلار» تىزىملىكىنى دوھا دائىرىلىرىگە سۇنغان، دوھا ئىككىنچى تەلەپنىمۇ رەت قىلغانىدى.

قاتارنىڭ تەۋرەنمەي تۇرۇشى نەتىجىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي باش ئەلچىسى ئابدۇللاھ ئەلمۇئەللىمى، 4 دۆلەت نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، قاتارنى ئالتە ماددىلىق يېڭى «پىرىنسىپلار تىزىملىكى» نى قوبۇل قىلىشتا زورلۇققا دۇچ كەلمەيدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قاتارنىڭ تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 5 – ئىيۇلدىكى يىغىنىدا چىقىرىلغان 6 تۈرلۈك قارارغىمۇ رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن مۇئەللىمى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئۆچمەنلىكنى ئۇلغايتىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ قارالارغا رىئايە قىلىشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باش ئەلچى مۇئەللىمى، ئەلجەزىرەنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «مۇھىمى پىرىنسىپتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىمىزدۇر» دېيىش ئارقىلىق، تۆت دۆلەتنىڭ قاتار پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

قاتار، ئېمبارگو يۈرگۈزگۈچى 4 دۆلەتنىڭ 13 ماددىلىق تەلىپىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، دەپ قاراپ، رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر