سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىرانلىق ئەسكەرلەر يەرلىككە قويۇلدى
سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق فاتىمىييۇن بىرىگاداسىغا مەنسۇپ 14 ئەسكەر ئىراننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە يەرلىككە قويۇلدى.
774416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق فاتىمىييۇن بىرىگاداسىغا مەنسۇپ 14 ئەسكەر ئۈچۈن، ئىراننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە دەپنە مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىرانلىق 14 ئەسكەر خوراسان، قۇم، تېھران، ئەلبۇرز، فارس ۋە ئىسپاھان ئۆلكىلىرىدە يەرلىككە قويۇلدى.
غەيرىي رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدىكى 6 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ئىرانلىق ئەسكەرلەر سانى 2400 ئەتراپىدا ئىكەن.