ياپونىيە ئايروپىلانلىرىدا يوشۇرۇن تاماكا چېكىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتتى

ياپونىيە ئاساسىي قۇرۇلۇش، قاتناش ۋە ساياھەتچىلىك مىنىستىرلىقى ياپونىيە ئايروپىلانلىرىدا يوشۇرۇن تاماكا چېكىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئايروپىلانلىرىدا يوشۇرۇن تاماكا چېكىدىغان ئەھۋاللار  كۆپىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئايروپىلانلىرىدا بۇلتۇر 105 قېتىم تاماكا چېكىلدى.

ياپونىيە ئاساسىي قۇرۇلۇش، قاتناش ۋە ساياھەتچىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە  10 شىركەتنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھاجەتخانىدا يوشۇرۇن تاماكا چېكىپ قالدۇقلىرىنى ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئاتىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە) شىركەتلىرى 1999-يىلى ھەم مەملىكەت ئىچى ھەمدە خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنيەلىرىدە ئايروپىلاندا تاماكا چېكىشنى مەنئىي قىلغانىدى.

2004-يىلى ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بۇ قانۇن قانۇنلاشتۇرۇلدى.

ئايروپىلاندا ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي تاماكا چەكگۈچىلەرگە500000 (15مىڭ تۈرك لىراسى)يېنى تۆلەم جازاسى بېرىلىدىغان بولسىمۇ، ئاساسىي قۇرۇلۇش، قاتناش ۋە ساياھەتچىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قانۇن ھازىرغىچە ئەمەمىيلەشتۈرۈلمىگەن.

مىنىستىرلىق ئايروپىلانلاردا ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش خەتەرلەر سەۋەبىدىن تاماكا چەكمەسلىك لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر