ئىراندا مىللىتى خىتاي بىر ئامېرىكىلىق جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تېھران، ئىراندا قولغا چۈشۈرۈلگەن بىر ئامېرىكىلىق جاسۇسنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراندا مىللىتى خىتاي بىر ئامېرىكىلىق جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مىزان خەۋەر ئاگېنتلىقى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە زى يۇ فاڭ ئىسىملىك مىللىتى خىتاي ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان زى يۇ فاڭنىڭ پارسچىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى، ئوتتۇرا شەرق تارىخى، رۇسىيە، ياۋرو – ئاسىيا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىران تەپتىش مەھكىمىسى باياناتچىسى ھۈسەيىن ئىجابى، قولغا چۈشۈرۈلگەن جاسۇسنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، زى يۇ فاڭنىڭ دىسسېرتاتسىيەسى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن بارغان ئىراندا ئۆتكەن ياز ئايلىرىدا تۇتۇلغانلىقىنى ۋە سوتلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىران سوتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىراندا قاماقتا يېتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر