قاتار كىرىزىسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پەيدا قىلدىمۇ؟

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قاتار «QNA» ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىگە سىبەر ھۇجۇمى قىلىپ، خاتا مەلۇماتلارنى تارقىتىپ، قاتار كىرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قاتار كىرىزىسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پەيدا قىلدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى «ئاسماندىن بومبا چۈشكەندەكلا» بىر خەۋەرنى تارقاتتى.  گېزىتىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكىلىق ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، قاتار كىرىزىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بار ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى كىشىلەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ماي ئېيىدا تەستىقلىغان پىلان بويىچە قاتار ئاگېنتلىقىغا سىبەر ھۇجۇمى تەشكىلەپ، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئالسانىنىڭ نامىدىن ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ئىراننى قوللاش ھەققىدە بايانات تارقاتقان.

ئىستىخبارات خادىملىرى ئۆتكەن ھەپتە قىلغان ئاخىرقى ئانالىزىدا، قولغا چۈشۈرۈلگەن دەلىللەرنىڭ سىبەر ھۇجۇمىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن. بىراق، سىبەر ھۇجۇمىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆزى قىلدىمۇ ياكى بۇ دۆلەت نامىدا ئىش قىلىدىغان نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىندىمۇ، بۇ نۇقتىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ چىقالمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

بۇنىڭغا قارىتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۇسۇف ئەلئۇتەيبە دەرھال يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى.

ئەلئۇتەيبە باياناتىدا گېزىتنىڭ خەۋىرىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، قاتارنىڭ تېررورىزمنى قوللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

قاتار كىرىزىسى 5-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيننىڭ قاتاردىكى باش ئەلچىلىرىنى دۆلىتىگە چاقىرىشى، شۇنداقلا قاتارغا ھاۋا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىنى تاقىشى بىلەن باشلانغان ئىدى.

قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن تۆت دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن دوھا ھۆكۈمىتىگە، «تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسىنى تاقىشى، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشى ۋە ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنى تاقىشى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ماددىلىق تەلەپنى سۇنغان ئىدى. دوھا ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق تەلەپنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر