قاتار بىلەن ئەنگلىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

قاتار بىلەن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى قاتار دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

قاتار بىلەن ئەنگلىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار بىلەن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قاتار دېڭىز تەۋەلىكىدە ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاتار ئەمىرلىك دېڭىز ئارمىيەسى  قىسىملىرى ۋە قاتار ئالاھىدە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى بىلەن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرنىڭ 2 باسقۇچتىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، تۇنجى باسقۇچنىڭ خەلقئارا ھاماد پورتىدا خەۋەرلىشىش، ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، چارلاش ۋە قىرغاققا يېقىنلىشىش ئەسناسىدا پاراخوتلارنى قوغداش قاتارلىق ئىشلاردا بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە ۋە كۇرسلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى، ئىككىنچى باسقۇچنىڭ، سۇ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالارنى تازىلاشتىن سىرت راكېتامىيوت ۋە توپ ئوقلىرىمۇ ئېتىلىدىغان دېڭىز ھەربىي مانېۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، 2 كۈن داۋاملىشىدىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ۋە ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن مۇداپىئە ساھەسىدە تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ روھىي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر