پارىژدا نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا زىيارەتتە بولىۋاتقان نېتانياھۇغا قارشى ناميىش ئۆتكۈزۈلدى.

پارىژدا نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمائۇل ماكرون ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماكرون پارىژدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمائۇل ماكرون پارىژدا زىيارەتتە بولىۋاتقان بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنى  ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن 3 يىل ئىلگىرى توڭلىتىپ قويۇلغان مۇزاكىرىلەرنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى.

كۆرۈشۈشتە ماكرون قۇددۇسنىڭ ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ ھەمدە پەلەستىننىڭ پايتەختى بولالايدىغان تەرىقىدە سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئەسكەرتتى.

نېتانياھۇ پارىژدا زىيارەتتە بولىۋاتقاندا ئۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

رېپۇبلىك مەيدانىغا يىغىلغان نامايىشچىلار نېتانياھۇنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ شوئارلار  توۋلاشتى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ جاي خىزمەتلىرىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر