ھامبۇرگ شەھىرىدە كوچىلار ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى

نامايىشچىلار «جەھەننەمگە خۇش كەلدىڭلار!» ۋە «گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنى يوقىتىڭلار!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلانى ئاچتى.

766447
ھامبۇرگ شەھىرىدە كوچىلار ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى بىلەن تەڭ  نارازىلىق نامايىشلىرىمۇ باشلاندى.

ھامبۇرگ شەھىرىدە كوچىلار ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى، ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىلدى. نارازىلىق نامايىشلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. 

توقۇنۇش كېچىدە باشلانغا بولۇپ، يەرشارىلىشىشقا ۋە كاپىتالىزمغا قارشى مىڭىلىغان كىشى ساقچىلارغا تاش ۋە شىشىلەرنى ئاتتى، ئارقىدىن ئاپتوومبىللارغا ئوت قويۇپ بەردى.

ساقچىلارمۇ نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى. نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئېغىر بېسىملىق سۇ ئىشلەتتى.

نامايىشچىلار «جەھەننەمگە خۇش كەلدىڭلار!» ۋە «گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنى يوقىتىڭلار!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلانى ئاچتى.

نامايىشچىلار سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

نامايىشلارغا جەمئىي 100 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

گېرمانىيە ساقچىلىرى بۇ نامايىشچىلاردىن 8 مىڭ كىشىنىڭ زوراۋان گۇرۇپپىلارغا ئەزا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر