دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايوندا 50 كىشى ئۆلدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى دەيرىزۇر ۋىلايىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.
760917
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شەرقىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى دەيرىزۇر ۋىلايىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا تەخمىنەن 50 كىشى ئۆلدى.
دەيرىزۇرنىڭ دابلان رايونىدا تۇرىدىغان پائالىيەتچى فىراس ئاللاۋى مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن ئۈچ ئايروپىلان ئەتىگەندە رايوننى بومباردىمان قىلدى، بۇ ئەسنادا دېھقانلار ئىشقا كېتىۋاتاتتى.»
ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز 50 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان ئاللاۋى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئايروپىلانلار مىسكەت بومبىسىغا ئوخشايدىغان بومبىلار بىلەن دېھقانلار ۋە ئىشچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئىچىدە بالا ۋە ئاياللارمۇ بار. يارىلانغانلار رايوندىكى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.»