رېكس تىللېرسون قاتار كىرىزىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

759645
رېكس تىللېرسون قاتار كىرىزىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىس ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، قاتارنىڭ بەھرەيىن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەلەپلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رېكس تىللېرسون، قاتار ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان تەلەبلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى جىكىلەپ، ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ دائىرىسىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

رېكس تىللېرسون يەنە، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ھەمدە كۇۋەيتنىڭ مۇرەسسەچىلىكىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر