رۇسىيە ھىندىستان بىلەن قوشما مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ كۈزدە رۇسىيەنىڭ شىمالىي ھەربىي رايونىدا قوما مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

758988
رۇسىيە ھىندىستان بىلەن قوشما مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شويگۇ موسكۋا چاقىرىلغان رۇسىيە – ھىندىستان ھەربىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىش كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «بۇلتۇر ھىندىستان بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالتا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرلىرىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. كۈزدە قوشما مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە «Indra-2017 » ناملىق مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ كۈچىنى زورايتىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋى خىرىسلارغا دەل ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر