رۇسىيە ئەنقەرەگە باش ئەلچى تەيىنلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئالېكسېي يېرخوۋنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

755678
رۇسىيە ئەنقەرەگە باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالېكسېي يېرخوۋ، 2016 – يىلى دېكابىردا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدۇ. يېرخوۋ رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق كونسۇلى بولۇپ، خېلىدىن بۇيان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كىرىزىس باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.

كارلوۋ سۇيىقەستكە ئۇچرىغان ئالتە ئايدىن بۇيان رۇسىيە ئەنقەرە ئەلچىخانىسىغا باش ئەلچى تەيىنلىمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر