فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون پارلامېنتتا يۇقىرى ئاۋازغا ئىگە بولدى

فىرانسيەدە ئىككىنچى قېتىملىق مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلام ئاخىرلاشتى. ماكرون رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەت يۈرۈش ھەرىكىتى پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون پارلامېنتتا يۇقىرى ئاۋازغا ئىگە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ئىككىچى قېتىملىق مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ئېمانۈئېل ماكرون سايلامدا غەلىبە قىلغان. ماكرون رەھبەرلىكىدىكى جۇمھۇرىيەت يۈرۈش ھەرىكىتى (REM) بىلەن سايلامدا ئىتتىپاقلاشقان دېموكراتىيە ھەرىكىتى (MODEM) پارلامېنتتا كۆپ ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇرىيەت يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ 577 كىشىلىك پارلامېنتتا 350 دىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن. بۇنداق بولغاندا، پىرېزىدېنت ماكرون سايلامدا ۋەدە بەرگەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدىكەن.

ئاشقۇن ئوڭچىلار بىلەن ئاشقۇن سولچىلار سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئاشقۇن ئوڭچى گۇرۇپپىنىڭ ۋەكىلى مارىن لۆپېن سىياسىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

سايلىغۇچىلارنىڭ %55 تىن كۆپرەكى بېلەت تاشلىمىغان بولۇپ، بۇ فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى بولۇپ قالدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر