دائېش 100 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى جانلىق قالقان قىلىۋالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ ئىراق ۋەكىلى برۇنو گېددو مۇسۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى جانلىق قالقان قىلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

دائېش 100 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى جانلىق قالقان قىلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەنسۇپلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن 100 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى شەھەرنىڭ غەربىدىكى «قەدىمىي كەنت» كە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گېددو، بۇ پۇقرالارنىڭ جانلىق قالقان سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى، شۇڭا مۇسۇلدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پۇقرالارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جايدا توقۇنۇشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېددو، رايوندا يېمەك – ئىچمەكنىڭ تۈگەپ كەتكىنلىكىنى، پۇقرالارغا سۇ ۋە توك بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا مەنسۇپ مەرگەنلەرنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، بىر ئامالىنى قىلىپ قېچىپ كېتەلىگەنلەرنىڭمۇ روھىي زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر