ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار يەنە 3 كىشى تۇتۇلدى

ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار يەنە 3 كىى تۇتۇلدى.

738546
ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار يەنە 3 كىشى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانچستېر شەھەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانچېستېر تەنتەربىيە سارىدىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان تەكشۈرۈش دائىرىسىدە جەنۇبىي مانچېستېر رايونىدا ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى يەنە 3 كىشى تۇتۇلغان.

تۈنۈگۈنمۇ ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە جەنۇبىي مانچېستېر رايونىدا 23 ياشلىق بىر ئەر تۇتۇلغانىدى.

ئەنگلىيە دۆلەتلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى مارك روۋلېي تەكشۈرۈش ۋە ئاختۇرۇپ تۇتۇش پائالىيەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە ۋە تېزلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر