ئاسسېنگەنىڭ ئۈستىدىكى باسقۇنچىلىق ئەيىبنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ۋىكىلېكسنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نۇرغۇن ساندىكى يازما ھۆججەتلىرىنى ئىنتېرنېت بېتى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ، چوڭ تالاش – تارتىش ياراتقان جۇلىيان ئاسسېنگەنىڭ ئۈستىدىكى باسقۇنچىلىق ئەيىبنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئاسسېنگەنىڭ ئۈستىدىكى باسقۇنچىلىق ئەيىبنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيىتسارىيە تەپتىش مەھكىمىسى ئاسسېنگەنىڭ ئۈستىدىكى 7 يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈلىۋاتقان باسقۇنچىلىق دەۋاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيە سوت مەھكىمىسى 2012 – يىلىدا ئاۋستىرالىيە  پۇقراسى جۇلىيان ئاسسېنگەنى 2010 – - يىلى ئىككى ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، شىۋېيىتسارىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئاسسېنگە بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئەگەر قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان بولسا، شىۋېيىتسارىيەنىڭ ئۇنى ئامېرىكىغا تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلىش خەۋپى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكۋادورنىڭ لوندۇندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نۇرغۇن ساندىكى يازما ھۆججەتلىرىنى ئىنتېرنېت بېتى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ، چوڭ تالاش – تارتىش ياراتقان ئاسسېنگەنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى ئېكۋادور قوبۇل قىلغان ئىدى. 

ئاسسېنگەنىڭ ھازىرچە ئېكۋادور ئەلچىخانىسىدىن چىقالىشى مۇمكىن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ. چۈنكى ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئەگەر ئەسسېنگە ئەلچىخانىدىن چىقىدىغانلا بولسا، نازارەتكە ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر