ئافغانىستاندىكى پارتلاش بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىگە قاراشلىق مۇھەممەد ئاغا ناھىيەسىدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچ بىگۇناھ پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئافغانىستاندىكى پارتلاش بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئافغانىستاننىڭ لوگار ۋىلايىتىگە قاراشلىق مۇھەممەد ئاغا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

مۇھەممەد ئاغا ناھىيەسى ھاكىمى ناسىر ئامىن يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پۇقرالار ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل ئۆتىۋاتقان پەيتتە پارتىلىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ناسىر ئامىن پارتلاشتا ئاپتوموبىلدىكى يولۇچىلاردىن 5 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 11 بىگۇناھ پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكالىقىنى تېخىچە ھېچ قايسى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر