دونالد ترامپ سايلامنىڭ تەكشۈرۈلىشىگە نارازلىق بىلدۈردى

دونالد ترامپ «بۇنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جىن قوغلاش ھەرىكىتى. ئۆز نامىمدىن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ ۋە سايلام سەپەرۋەرلىكىمنىڭ رۇسىيە بىلەن ئالاقىسى يوق» دېدى.

دونالد ترامپ سايلامنىڭ تەكشۈرۈلىشىگە نارازلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ گرۇپپىسىنىڭ رۇسىيە بىلەن ھېچ قانداق مەخپىي كېلىشىمى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ سايلاملىرىغا ئارىلاشتى» دېگەن داۋراڭلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە مۇپەتتىش تەيىنلىنىشىگە قارىتا «دۆلەتنى بۆلۈش» دەپ باھا بەردى.  

دونالد ترامپ كولومبىيە پىرېزىدېنتى جۇئان مانۇئېل سانتوس بىلەن ئاقسارايدا چاقىرغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەسىلە ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «مۇپەتتىش تەيىنلەنگەنلىكىگە ھۆرمەت قىلىمەن. بىراق بۇنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جىن قوغلاش ھەرىكىتى. ئۆز نامىمدىن شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ ۋە سايلام سەپەرۋەرلىكىمنىڭ رۇسىيە بىلەن ئالاقىسى يوق. رۇسىيە بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈش مەسلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئىش مەملىكىتىمىزنى پارچىلايدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن دۆلىتىمىز خېلىلا بۆلۈنگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ماڭا ئىشىنىڭلار، رۇسىيە بىلەن ھېچقانداق مەخپىي كېلىشىم يوق» دېدى. 

دونالد ترامپ «سايلامدا گۇمان بار» دېگەن داۋاراڭلارنى ۋە تالاش – تارتىشلارنى تاشلاپ، سەھىيە سىياسىتى، خىزمەت ئىمكانىيىتى ۋە ھەربىي سېلىنمىلارغا مەركەزلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI»نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئىسمىنى پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ مۇپەتتىش تەيىنلەش قارارىغا قارىتا تىۋېتتېر ھسابىدىمۇ «جىن قوغلاش ھەرىكىتى» دەپ باھا بەردى.

ترامپ «ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI»نىڭ سابىق مۇدىرى جەمېس كومېيدىن تەكشۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن داۋراڭغىمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، ترامپ تەيىنلىمەكچى بولغان فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI»نىڭ يېڭى مۇدىرىنىڭ سابىق دېموكراتچى پالاتا ئەزاسى جوي لىبېرمان ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ترامپمۇ تىزىملىك بېشىدىكى كىشىنىڭ لىبېرمان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر