گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار كۈندىلىك ھاياتنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

گىرېتسىيەدە كۆپىنچىسى ساقچىلاردىن تەشكىل تاپقان مىڭلارچە مەمۇر  ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى قىسىش تەدبىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار كۈندىلىك ھاياتنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئاتىدانا مائاشلىرىنىڭ كېمەيتىلىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن 3 مىڭدىن ئارتۇق ساقچىنىڭ نامايىشىغا ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىمۇ قاتناشتى.

لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىغا يېتىپ بېرىپ، پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىگە پارلامېنتنى قوغداۋاتقان تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملار يول قويمىدى.

باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردىمۇ نىقابلىق بىر گۇرۇپا پارلامېنت بىناسىغا كىرىشكە ئۇرۇندى ھەمدە پارلامېنت بىناسىنى قوغداۋاتقان تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملارغا ھەر خىل ماددىلارنى ئاتتى.

تەرتىپ ساقلىغۇچى قىسىملارمۇ نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر