فىرانسىيەدە ئۆيدە ئۆلۈش مەنئىي قىلىندى

فىرانسىيەدە لايگنېۋىللې شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئۆيدە ئۆلۈشنى مەنئىي قىلدى.

فىرانسىيەدە ئۆيدە ئۆلۈش مەنئىي قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى لايگنېۋىللې شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى كرىستوپ دېترىچ فرانسىسفو تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيدە ئۆلۈشنى مەنئىي قىلىش قارارىنىڭ سىمۋللۇق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بەش مىڭ كىشى ياشايدىغان رايوندا پەقەت ئىككى دوختۇرنىڭلا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دېترىچ، ئىككى قېتىم ئۆلۈم خېتى ئېلىش ئۈچۈن 4 – 6 سائەت دوختۇر ساقلىغانلىقلىرىنى، بۇ ئىككى دوختۇرنىڭمۇ يىل ئاخىرىدا پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ تېخىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەنمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، نىشانلىرىنىڭ پەقەت جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرىنى دوختۇر يېتەرسىزلىكىگە ئاغدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن  دېترىچ، «بىلىمەن، بۇ قارار بىمەنە، ئەمما بىزمۇ بىمەنە ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر