ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدا قىسقىچە ئانالىز

ئاقساراي ئېلان قىلغان ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدىكى باياناتتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈچەيتىش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدا قىسقىچە ئانالىز

ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى توغرىسىدا قىسقىچە ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 13-14-ماي كۈنلىرى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 16-ماي پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ھەقتىكى بايانات ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۈچەيتىش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغىنىمىزدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ پ ي د غا قىلىۋاتقان قورال ياردىمى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكا 8-ئاپرېل پ ي د نى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى رەسمىي تەستىقلىدى. بۇنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ پ ي د نى ئېغىر تىپلىق قورال بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى قارارنامەنى تەستىقلىشى، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياكى بۇنى دىپلوماتىك سودا دېيىشكە بولامدۇ؟ بۇ ئەھۋال داۋاملاشقاندا، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟

بۇلارغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار «كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزدا بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر