تۈركەش: خىتاي – تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيدى

مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەش خىتاي – تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى.

721796
تۈركەش: خىتاي – تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركەش پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك خىتاي تەتقىقاتلىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ تارىختىن كەلگەن كۈچلۈك دوستلۇق رىشتىلىرى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئۇزاق مەزگىللىك پەنجىرىدىن نەزەر تاشلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ساھەدە ناھايتى جىددىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن تۈركەش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىلگىرىكىمۇ خىتاي بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن تۈركەش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر سەۋىيەدە ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىزچىل داۋاملاشقانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان زىيارەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 14 – ماي كۈنى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر