خىتاي نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختاتسا، شىمالىي كورېيە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ

شىمالىي كورېيە نېفىت ئېھتىياجى جەھەتتىن پۈتۈنلەي خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

721130
خىتاي نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختاتسا، شىمالىي كورېيە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ يازغۇزچىسى ماڭ جىيۇچەننىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي شىمالىي كورىيەنى نورمۇلۇق ھالدا نېفىت بىلەن تەمىنلىمەكتە بولۇپ، ھازىر پىيوڭياڭدا نېفىت قىسلىقى سەۋەبىدىن ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ئۆچرەتلەر شەكىللەنمەكتە.

ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇرۇندىنلا قېيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان شىمالىي كورىيەدە ھازىر بەزى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى پەقەتلا دىپلوماتلارغا، ئالىي مېھمانخانىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ياكى ئاۋېئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا نېفىت سېتىپ بېرىدۇ.

ماڭ جىيۇچەن شىمالىي كورىيەدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە نېفىت باھاسىنىڭ %70 ئەتراپىدا ئۆرلەپ، ئەسلىدىكى 70 – 80 سىنت دوللاردىن 1 دوللار 25 سىنتقا چىققانلىقىنى يازدى.

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر شىمالىي كورېيە 6 – يادرو سىنىقىنى توختاتمايدىغان بولسا، خىتاي نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي توختىدىكەن. 

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شىمالىي كورېيە نېفىت ئېھتىياجى جەھەتتىن پۈتۈنلەي خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

شىمالىي كورېيەنىڭ 2015 – يىلى خىتايدىن سېتىۋالغان نېفىت مىقدارى رۇسىيەدىن ئېمپورت قىلغان نىسبەتكە سېلىشتۇرغاندا 6 ھسسە كۆپ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە «North Korean Economy Watch» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە ئىشلىتىلىۋاتقان 240 مىڭ ئاپتوموبىلنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان. 

شىمالىي كورىيەنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 2016 - يىلىدا 6 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، بۇنىڭ %91 يەنى، 5 مىليارد 500 مىلون دوللارلىق قىسمى خىتاي بىلەن بولغان سودىدىنلا تەشكىل تاپىدۇ. دېمەك، شىمالىي كورىيەنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى پەقەت خىتايغىلا قاراشلىق. خىتايدىن قالسا تاشقى سودىدا 140 مىليون دوللار بىلەن ھىندىستان 2 – ئورۇندا ۋە 76 مىليون دوللار بىلەن رۇسىيە 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ.

شىمالىي كورېيە خىتايغا بۇ دەرىجىدە بېقىندى ھالغا كېلىپ قالغان بولغاچقىلا خىتاي شىمالىي كورىيەگە تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر