ئىراننىڭ دىققىتى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مەركەزلەشتى

ئىراننىڭ دىققىتى 19-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە ئالتە نامزات رىقابەتلىشىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مەركەزلەشتى. سابىق پىرېزىدېنت مەھمۇت ئەھمەدىنىجادنىڭ نامزاتلىقى بولسا، رەت قىلىندى.

ئىراننىڭ دىققىتى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران سايلام كېڭىشى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى پىرېزىدېنتلىق سايلىىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سايلامغا 1600 كىشى نامزات بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، ھازىرقى پىرېزىدېنت ھاسان رۇھانى نامزات بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇھانىنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى ئىسھاق جىھانگىرى، ھاشىمى رافسانجانى ۋە مۇھەممەد ھاتەمى مەزگىلىدە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولغان مۇستافا ھاشىمى تەبا، تېھران شەھەر باشلىقى مۇھەممەد باكىر گالىباف، مەشھەد شەھىرىدىكى ئىمام رىزا تۈربە ۋە كۈللىيەسى ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم رەئىس، دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانىىينىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە باش مەسلىھەتچى بولغان ئىسلام بىرلەشمە پارتىيەسى مەركىزىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇستافا مىرسەلىم قاتارلىق كىشىلەر نامزات بولغان.

سابىق پىرېزىدېنت ھامەنىينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي نامزاتلىق ئىلتىماسى سۇنغان سابىق پىرېزىدېنت مەھمۇت ئەھمەدىنىجادنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان بولدى.

سايلامدا، ھەم مۆتىدىللەر ھەمدە ئىسلاھاتچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن رۇھانىنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر