رۇسىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ ھاباروسك شەھىرىدە بىر قوراللىق زوراۋان فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنى (FSB) غا بېسىپ كىرىپ، FSB نىڭ 1 خادىمى بىلەن 1 زىيارەتچىنى ئۆلتۈردى.

رۇسىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ۋەقە ئەتىگەن تەرەپلەردە رۇسىيەنىڭ خىتاي چېگراسىدىكى  ھاباروسكتىكى فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنى بىناسىدا مەيدانغا كەلدى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملىكى نامەلۇم زوراۋان كۈتۈش زالىدا  FSB نىڭ 1 خادىمى بىلەن 1 زىيارەتچىنى ئۆلتۈرگەن، كۈتۈش زالىدىكى يەنە بىر زىيارەتچىنى يارىلاندۇرغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر