خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ 16 – ئاپرېل كۈنىدىكى يادرو سىنىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق پىيوڭياڭنى ئاگاھلاندۇردى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق چاقىرىلغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ 16 – ئاپرېل كۈنىدىكى يادرو سىنىقى قاتتىق ئەيىبلەندى، ھەمدە شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان پائالىيەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىپ، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، شىمالىي كورېيە ئىغۋاگەرلىك پائالىيەتلىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تەھدىت خاراكتېرلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر