ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك مىنىستىرنىڭ غەززەگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، پەلەستىن تەلىم – تەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سەبرى سايدامنىڭ بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىرى ئارقىلىق غەززەگە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

697700
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك مىنىستىرنىڭ غەززەگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ئەلئەقسا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى باشلىقى كەمال ئەششەرىف، سايدامنىڭ «ئەلئەقسا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باش كۆتۈرگەن باشقۇرۇش كىرىزىسىغا چارە تېپىش مەقسىتىدە غەززەگە بېرىشنى پىلانلىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن ھالدا، مىنىستىر ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنىڭ غەززەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى ئۈچۈن، كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىنلىك مىنىستىر، ئەلئەقسا ئۇنىۋېرسىتېتىغا 2015 – يىلى غەززەدىكى تەلىم – تەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مۇدىر قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇ مەنسەپكە باشقا بىرىنى تەيىنلىگەن، بۇ ئەھۋال ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.

پەلەستىندە 2014 – يىلى 2 – ئىيۇندا قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت، ھاماس ۋە فەتىھ ھەرىكىتى ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەر يۈزىسىدىن غەززەدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىيالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر