لوندوننى قانغا بويىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتتى

لوندوننى قانغا بويىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچىلار تۈن بويى ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 6 ئادرېسقا بېسىپ كىرىپ، 7 كىشىنى قولغا ئالدى.

697518
لوندوننى قانغا بويىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئاختۇرۇش جەريانىدا ئاساسلىقى پايتەخت لوندون ۋە بىرمىڭخامدىكى بەزى ئادرېسلارنى نىشان قىلدى، ئەمما باشقا ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى ئاختۇرۇش ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.

بۇ ئارىلىقتا، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا زوراۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، تەخمىنەن 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى جاكارلاندى. ئىلگىرى ئۆلگەنلەر سانىنىڭ زوراۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن زوراۋاننىڭ كىملىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر