ھىندىستان، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قورال سېتىۋېلىش بىرىنچىلىكىنى ئۇدا ساقلاپ كەلدى

يېقىنقى 5 يىلدا دۇنيا مىقياسىدا قورال – ياراغ سودىسى پارتلاش خاراكتېرلىك كۈچىيىپ كەتتى.

676265
ھىندىستان، خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قورال سېتىۋېلىش بىرىنچىلىكىنى ئۇدا ساقلاپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىتوكھولم تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2012 – يىلى بىلەن 2016 – يىللىرى ئارىسىدا قورال – ياراغ سېتىش نىسبىتىنىڭ %8.4 ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 1991 – يىلىدىن بۇيانقى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى قورال – ياراغ بازىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرى بولۇپ، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە خىتاي قورال سېتىۋېلىشتا بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ جەرياندا ھىندىستان مۇداپىئە راسخوتىنى %43 ئاشۇرغان بولسا، پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ قورال ئىمپورت قىلىش نىسبىتى %29 ئاشقان؛ پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان %212 لىك ئېشىش بىلەن بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا، ئافرىقا قىتئەسىدە قورال سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خېرىدارلىرىنىڭ ئالجىرىيە، نىگېرىيە، سۇدان ۋە ئېفىيوپىيە ئىكەنلىكى، قورال سانائىتىدە پايدا ئالغۇچىلارنىڭ بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىقلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق مەزكۇر بەش دۆلەتلا دۇنيادىكى قوراللارنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى ساتىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى %33 لىك نىسبىتى بىلەن ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2012 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئىشلەپچىقارغان قوراللىرىنىڭ يېرىمىنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ساتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر