خىتايدا قۇش زۇكۇمى ئاپىتى سەۋەبىدىن 106 كىشى ئۆلدى

خىتايدا باشقا چاغقا سېلىشتۇرغاندا قىش ۋە باھار ئايلىرىدا قۇش زۇكۇمىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تېز يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتايدا قۇش زۇكۇمى ئاپىتى سەۋەبىدىن 106 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بايناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي مىقياسىدا تارقالغان قۇش زۇكۇمى ۋىرۇسى «H7N9» سەۋەبىدىن دېكابىر ئېيىدىن بۇيان 109 كىشى ئۆلگەن ۋە 359 كىشى يۇقۇملانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن جىچاڭ، خۇنەن، سىچۇئەن، گواڭدوڭ ئۆلكىلىرىدە يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى تۈپەيلى قاناتلىق قۇش تىجارىتى مەنئىي قىلىندى.

تەتقىقاتچىلار «H7N9» ۋىرۇسىنىڭ ھايۋاندىن ئىنسانغا يۇقىدىغانلىقىنى، بىراق ئىنساندىن ئىنسانغا يۇقۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

قۇش زۇكۇمى بايقالغان رايونلاردا قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىغا قارماستىن، قىش ۋە باھار ئايلىرىدا باشقا چاغقا سېلىشتۇرغاندا يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تېز يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتايدا «H7N9» ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم 2013 – يىلى مارت ئېيىدا كۆرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر