13 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 13 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

13 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 178 – كۈنىگە قەدەم قويغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى ياردەم بېرىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەلبابتىكى تېررور نىشانلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. كۈن بويى داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 70 نىشان قۇرۇقلۇقتىن، 8 نىشان ھاۋادىن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچىلار قىسىملىرى باشقا ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، دائېشقا ئائىت 70 نىشاننى، پاناھلىنىش ئېھتىمالى بولغان جايلارنى ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ دائېشقا ئائىت 7 نىشاننى بومباردىمان قىلىپ، تېررورىستلار پاناھجاي قىلىۋالغان بىنالار، بىر ئاپتوموبىل،  بىر كىران ۋە بىر ئوق - دورا ئىسكىلاتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىمۇ بىر بومبىلىق ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر