ترامپ نېمە ئۈچۈن بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغان بولۇپ قالدى؟

ئامېرىكا پىرېزىدېتنى دونالد ترامپنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىلىمات مەسىلىسىنى ، شۇنداقلا تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىشقا تىرىشىمىز.

ترامپ نېمە ئۈچۈن بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغان بولۇپ قالدى؟

ترامپ نېمە ئۈچۈن بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغان بولۇپ قالدى؟

1-ئامېرىكىدا سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى مەزگىلدە مۇسۇلمانلار، كۆچمەنلەر، بولۇپمۇ جەنۇبىي دېڭىز ۋە خىتاي، تەيۋەن توغرىسىدە قىلغان سۆزلىرى بىلەن دىققەت تارتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 10-فېۋرال خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىۋېننىڭ تەبرىكلەپ تېلېفون قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتايغا، ئامېرىكا بىر خىتاي سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك دېگەن ترامپ، نېمە ئۈچۈن بىر قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە ئۆزگىرىدۇ؟

2-مۇھىت مەسىلىسى دۇنيادىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. 14-فېۋرال داچىڭ شەھىرىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى شەھەرگە قۇرۇلماقچى بولغان ئاليۇمىن ئوكسىد زاۋۇتىغا قارشى نامايىش قىلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن زاۋۇت قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ 2017-يىلدىكى خىتايدا پارتلىغان مۇھىت قوغداش ۋە تەن-سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك تۇنجى نامايىش ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىلىمات مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەھلىل قىلىشقا تىرىشىمىز. 

3- خىتاينىڭ 53 ئېنېرگىيە كانچىلىق ساھەسىدىكى شىركىتى تۈركىيەگەە مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بىز بۇ نۇقتىدىن تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىمىز.

يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر بويىچە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ يىراق شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن بىرلىكتە پىكىر چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر