يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

قانچە ئون مىڭلىغان ئورتودوكس يەھۇدىيلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 71 – نۆۋەتلىك يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

575558
يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەھۇدىيلار داگ ھاممورسكجولد باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مىللىي كىيىملىرى بىلەن قاتناشتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي خىزمەت سىياسىتىنىمۇ ئەيىبلىدى.

ئورتودوكس يەھۇدىيلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن راببى دەيۋىد نىئېدېرمان، «بىز دىندار يەھۇدىيلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋە ئېتىقادىمىزنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ھەربىي خىزمەت ئۆتىيەلمەيمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق» دېدى.

نامايىشچىلار «ئى ئىسرائىلىيە! دىندار يەھۇدىيلارنى مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەتكە ئېلىشتىن ۋاز كەچ!»، «ئى ئىسرائىلىيە! بالىلىرىمىزنى ھەربىي خىزمەتكە ئالما!»، «بىز يەھۇدىيلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى خالىمايمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

ساقچىلارنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، مۇنبەرلەردىن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر